دۆنمەز: ياۋۇز بۇرغىلاش پاراخوتى ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىگە ئاتلىنىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، ياۋۇز بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ 4 - ئاپرېل قارا دېڭىزدا ناھايىتى ھالقىلىق ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1799841
دۆنمەز: ياۋۇز بۇرغىلاش پاراخوتى ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىگە ئاتلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان فىليوس تەبىئىي گاز بىر تەرەپ قىلىش ئورنىدىكى خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن زونگۇلداققا بارغان مىنىستىر دۆنمەز، تۈرنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىدا مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بىلەن يېپىق يىغىن ئاچتى ۋە يىغىندىن كېيىن بايانات بېرىپ، ھازىرغىچە تەخمىنەن 8 قۇدۇقنىڭ بۇرغىلاش مەشغۇلاتىنىڭ تاماملانغانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇدۇق بۇرغىلاشنىڭلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىشقا مۇۋاپىق ھالەتكە كەلتۈرۈش تەييارلىقلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن دۆنمەز، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «نۆۋەتتە ياۋۇز بۇرغىلاش پاراخوتىمىز پورتتا (تۇرۇۋاتىدۇ). ئۇ  4- ئاپرېلدىن باشلاپ ناھايىتى مۇھىم بىر ۋەزىپىگە ئاتلىنىدۇ. بۈگۈن ئەتىگەن غايەت زور يۈك ئايروپىلانى بىلەن تۇنجى قۇدۇقىمىزنىڭ بېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان <christmas tree> ناملىق سۇ ئاستىدىكى  بېسىمنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئۈسكۈنە تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى. ئىنشائاللاھ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇنى فىليوسقا يۆتكەپ، ياۋۇز بۇرغىلاش پاراخوتىمىزغا يۆتكەيمىز ۋە قۇدۇقىمىزنىڭ بېشىغا ئاپىرىپ سۇ ئاستىدىكى ماشىنا ئادەملەرنىڭ ياردىمى بىلەن قۇراشتۇرىمىز. بۇ تۈردە تېخنىكا جەھەتتىمۇ دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى ئىشلىتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر