خىتاي ئامېرىكانى تاموژنا باجلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى

خىتاي ئامېرىكانى تاشقى سودا ئىختىلاپلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىمزالانغان «بىرىنچى باسقۇچلۇق» كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، قوشۇمچە تاموژنا باجلىرىنى ۋە سودا ئېمبارگولىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى.

1777054
خىتاي ئامېرىكانى تاموژنا باجلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گاۋ فىڭ ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ سودا ساھەلىرىدە ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەمچى بولىدىغان مۇھىت ۋە شەرت-شارائىتلارنى يارىتىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكادىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئالماسلىقنى ۋە ئېمبارگو يۈرگۈزمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ بىرىنچى باسقۇچلۇق كېلىشىمنىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19)، تۇرغۇنلۇق ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدە ئاقساشلار بولۇشىغا قارىماي، دۇنيا ئىقتىسادىغا ئىجابىي تەسىر قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كېلىشىمنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە ۋە دۇنياغا پايدىلىق بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ خىتاينىڭ يېقىنقى 40 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئىسلاھات، سىرتقا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسەتلىرى بىلەن بازار ئىگىلىكى ۋە دۆلەتنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك ھالدا بىرلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ مۇساپىنىڭ پەقەت خىتاينىڭ تەرەققىياتىغىلا ئەمەس، ئوخشاش ۋاقىتتا دۇنيا ئىقتىسادىي پاراۋانلىقىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ ھەسسە قوشقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى 2018-يىلى خىتاي بىلەن بولغان قىزىل رەقەمنى ۋە خىتاينىڭ رىقابەتكە خىلاپ سانائەتكە ياردەم قىلىش سىياسەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلاردىن قوشۇمچە باج ئېلىشنى يولغا قويغان ئىدى.

خىتاينىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشى بىلەن، خەلقئارا جەمئىيەتتە «سودا ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان ئۆزئارا يېڭى تاموژنا باجلىرى ئېلان قىلىنغان مۇساپە باشلانغان ئىدى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي 2019-يىلنىڭ بېشىدا «بىرىنچى باسقۇچلۇق» دەپ ئاتالغان كېلىشىم بىلەن پىكىر ئىختىلاپلىرىنى ۋاقىتلىق توختاتقان ئىدى. كېلىشىمنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن، تاموژنا باجلىرىنى ئۆستۈرۈش كېچىكتۈرۈلگەن ۋە خىتاي بولسا، ئامېرىكانىڭ بەزى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى.       



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر