ئىستانبۇل ئايرودۇرۇملىرىنىڭ يولۇچىلار سانىدا ئېشىش كۆرۈلدى
ياۋروپادا ئۆتكەن يىلى ئايروپىلان بىلەن سەپەر قىلغانلارنىڭ %7 نى كۈتۈۋالغان ئىستانبۇل، 2020-يىلغا سېلىشتۇرۇلغاندا يولۇچىلار سانىنى 22 مىليون كىشى كۆپەيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئايروپىلان سەپەرلىرى بىخەتەرلىك تەشكىلاتى (EUROCONTROL) نىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى (2021) قىتئە مىقياسىدا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق سەپەرلەردە تەخمىنەن 900 مىليون يولۇچى ئايروپىلاندا سەپەر قىلغان.
ياۋروپادا 2021-يىلى ئايروپىلان بىلەن سەپەر قىلغان يولۇچىلارنىڭ تەخمىنەن %7 ى ئىستانبۇلنى مەركەز قىلغان بولۇپ، مەزكۇر رايوندا 2020-يىلغا سېلىشتۇرۇلغاندا بۇ نىسبەت %5 بولغان.
2021-يىلى ئىستانبۇلدىكى بارلىق ئايرودۇرۇملار، دۆلەت ئىچى سەپەرلىرىدە 26 مىليون 713 مىڭ، خەلقئارالىق سەپەرلەردە 35 مىليون 432 مىڭ 79، جەمئىي 62 مىليون 145 مىڭ 270 يولۇچىنى كۈتۈۋالغان.
ئىستانبۇلدا 2019-يىلى ئايروپىلاندا 40 مىليون 361 مىڭ 570 يولۇچى قوش يۆلىنىشلىك سەپەر قىلغان. 2021-يىلى 2020-يىلغا سېلىشتۇرۇلغاندا 21 مىليون 783 مىڭ 700 يولۇچى كۆپىيىپ، %54 لىك ئۆرلەش كۆرۈلگەن.