دۇنيادا ئەڭ باي كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكى ئىككى ھەسسە كۆپەيدى

ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) مەزگىلىدە دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكى ئىككى ھەسسە كۆپەيدى.

1763667
دۇنيادا ئەڭ باي كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكى ئىككى ھەسسە كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ياردەم تەشكىلاتى ئوكسفام (Oxfam) ئېلان قىلغان دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ باي 10 كىشى ئىگە بولغان مال-مۈلۈكنىڭ، ۋابا مەزگىلىدە ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئوكسفامنىڭ «باراۋەرسىزلىك ئۆلتۈرىدۇ» ناملىق دوكلاتى، كەمبەغەللەرنىڭ سانىدا ئېشىش بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئوكسفامنىڭ ئەنگلىيەدىكى باشلىقى داننىي سرىسكانداراجاھ (Danny Sriskandarajah) ۋۇخەن ۋىرۇسى مەزگىلدە ئىجرا قىلىنغان تەدبىرلەر بىلەن ساياھەت ۋە سودىغا قويۇلغان چەكلىمىلەردىن كېيىن، 163 مىليون كىشىنىڭ يوقسۇللۇق چېكى ئاستىدا ياشاشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

دوكلاتتا، دۇنيادىكى ئەڭ باي 10 كىشى، ئېلون ماسك (Elon Musk)، جېف بېزوس (Jeff Bezos)، بېرنارد ئارنالت (Bernard Arnault)، بىل گېيتس (Bill Gates)، لورى ئېلىسون (Larry Ellison)، لورى پېيج (Larry Page)، سېرگېي برىن (Sergey Brin)، مارك زۇكېربېرگ (Mark Zuckerberg)، ستېۋ بالمېر (Steve Ballmer) ۋە ۋورېن بۇفېت (WarrenBuffet) قاتارلىق كىشىلەرنىڭ جەمئىي مال-مۈلكى ئىككى ھەسسە ئېشىپ 1.5 تىرىلىيون دوللاردىن ئاشقان.

سەھىيە خىزمەتلىرىنىڭ چەكلىك ھالغا كېلىشى نەتىجىسىدە، كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەب بولغان ئىنسانىي كىرىزىسلار ۋە زوراۋانلىقلار سەۋەبىدىن، دۇنيادا ھەر تۆت سېكۇنتتا بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

دوكلاتتا، ئاز تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى كەمبەغەل كىشىلەرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلۈش ئېھتىمالى تۆت ھەسسە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا يەنە، 2019-يىلىغا سېلىشتۇرۇلغاندا، بۇ مەزگىلدە خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار سانىنىڭ 13 مىليون كىشى ئازايغانلىقى ۋە 20 مىليوندىن ئارتۇق كىچىك قىز بالىنىڭ مەكتەپكە ئەۋەتىلمەسلىك خەتىرىگە دۇچ كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر