تۈركىيەنىڭ يېڭى مېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورتى بۇ يىل %13 ئاشتى

تۈركىيەنىڭ يېڭى مېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورتى 2021-يىلى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %13 ئېشىپ، تەخمىنەن 3 مىليارد 83 مىليون دوللارغا يەتتى.

1759570
تۈركىيەنىڭ يېڭى مېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورتى بۇ يىل %13 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق دېڭىز ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى 2 مىليارد 729 مىليون دوللار بولغان يېڭى مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات  ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 2021 -يىلى %13 ئاشقان.

ئۆتكەن يىلى بۇ ساھەنىڭ ئېكسپورتچىلىرى تەخمىنەن 3 مىليارد 83 مىليون دوللارلىق يېڭى مېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورتىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

بۇ مەزگىلدە ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %16 ئېشىش بىلەن 1 مىليارد 252 مىليون دوللارلىق مېۋە، %25 ئېشىش بىلەن 875 مىليون 713 مىڭ دوللارلىق كۆكتات ۋە 934 مىليون 891 مىڭ دوللارلىق ئاپلىسىن تۈرى مېۋە ئېكسپورت قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر