ئەردوغان كېلەر ھەپتە تۈركىيە قولغا كەلتۈرگەن ئېكسپورت رېكورتىنى ئېلان قىلىدۇ

سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كېلەر ھەپتە تۈركىيە قولغا كەلتۈرگەن ئېكسپورت رېكورتىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1753834
ئەردوغان كېلەر ھەپتە تۈركىيە قولغا كەلتۈرگەن ئېكسپورت رېكورتىنى ئېلان قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش پايتەخت ئەنقەرەدە تۈركىيە سودا ئۇيۇشمىلىرى ۋە پايچېك بازىرى بىرلەشمىسى (TOBB) دا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلىكنىڭ ئورتاق كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشتى.

مەھمەت مۇش كوۋىد-19 يۇقۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەلىبىي ئامىللارغا قارىماستىن، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2021-يىلى يۇقىرى ئېشىش نىسبىتىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتتا زور ئىلگىرىلەش ۋە ئۆزگىرىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن مەھمەت مۇش، «كېلەر ھەپتە، جۇمھۇر رەئىسىمىز ئېكسپورتتا قولغا كەلتۈرگەن چوڭ رېكورتنى ئېلان قىلىدۇ. تۈركىيە ئىقتىسادى 2022-يىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىللەردىمۇ ئېكسپورت بىلەن تەرەققىي قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر