ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئېسكپورتى توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئېكسپورتنىڭ يىللىق ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 221 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

1742361
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئېسكپورتى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئېكسپورتنىڭ يىللىق ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 221 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ (ئىقتىسادىي) ئېشىشنى قولغا كەلتۈرىمىز» دېدى.

ئۇچۇرىدا تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان تاشقى سودا ئېكسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ نويابىر ئېيى ئېكسپورتىنىڭ بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %33.44 ئېشىپ 21 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «يىللىق ئېكسپورت مىقدارىمىز 221 مىليارد دوللارغا يەتتى. تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ (ئىقتىسادىي) ئېشىشنى قولغا كەلتۈرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان ئۇچۇرىدا يەنە، تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىر كۆرسەتكۈچكىمۇ ئورۇن بەردى.

كۆرسەتكۈچكە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە نويابىر ئېيىدا %33.44 لىك ئېشىش بىلەن ئەڭ يۇقىرى ئايلىق ئېكسپورت نىسبىتىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇلتۇر 16 مىليارد 89 مىليون دوللار بولغان نويابىر ئېيى ئېكسپورتى، بۇ يىل 21 مىليارد 468 مىليون دوللارغا يەتكەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدىكى ئېكسپورت مىقدارى بۇلتۇرقى 151 مىليارد 801 مىليون دوللاردىن 203 مىليارد 141 مىليون دوللارغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر