ئۆكتەبىر ئېيىدىكى ئېكسپورت مىقدارى %20.1 ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى ئۆكتەبىر ئېيى (2021) دا ئۆتكەن يىل (2020) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %20.1 ئېشىپ 20 مىليارد 792 مىليون دوللار، ئىمپورت %12.8 ئېشىپ 22 مىليارد 230 مىليون دوللارغا يەتتى.

1740175
ئۆكتەبىر ئېيىدىكى ئېكسپورت مىقدارى %20.1 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن سودا مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۆكتەبىر ئايلىق ئېكسپورت-ئىمپورت رەقەملىرىنى ئېلان قىلدى.

سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئېكسپورت مىقدارى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۆتكەن يىلنىڭ ئوىشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا20 مىليارد 792 مىليون دوللار، ئىمپورت %12.8 ئېشىپ 22 مىليارد 230 مىليون دوللار بولغان.

قىزىل رەقەم ئۆتكەن يىلنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىغا سېلىشتۇرۇلغاندا %40.1 تۆۋەنلەپ، 1 مىليارد 438 مىليون دوللار بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر