ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ بىر شىركەت ۋە ئىككى پاراخوتنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا «2-شىمالىي ئېقىم» (Nord Stream 2) تۇرۇبا يولى لايىھەسىدە رۇسىيەگە چېتىشلىق بىر شىركەتنى ۋە ئىككى پاراخوتنى ئېمبارگو تىزىمىلكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1737375
ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ بىر شىركەت ۋە ئىككى پاراخوتنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن 2019-يىللىق ياۋروپا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش قانۇنى رامكىسىدا، «2-شىمالىي ئېقىم »  تۇرۇبا يولى لايىھەسىگە مۇناسىۋەتلىك تۈزۈتۈش كىرۈزۈلگەن دوكلاتنى كونگرەگە سۇنغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ دوكلات توغرىسىدىكى يازما باياناتىدا: «دوكلاتتا <2-شىمالىي ئېقىم> تۇرۇبا يولى لايىھەسىگە قاتناشقان ئىككى پاراخوت ۋە رۇسىيەگە چېتىشلىق ترانسادرىيا (Transadria) شىركىتى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ترانسادرىيا شىركىتىگە 2019-يىللىق ياۋروپا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش قانۇنى رامكىسىدا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ <مارلىن> پاراخوتى چەكلەنگەن مال سۈپىتىدە بولىدۇ» دېدى.

ئۇ كونگرەگە سۇنۇلغان دوكلاتنىڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «2-شىمالىي ئېقىم » تۇرۇبا يولى لايىھەسىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ۋە 2019-يىللىق ياۋروپا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش قانۇنىغا سادىق ئىكەنلىكىنىڭ كۆرسەتكۈچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مەزكۇر دوكلات رامكىسىدىكى ئېمبارگولار بىلەن بىرلىكتە ھازىرغىچە سەككىز كىشىگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكلىرىنى ۋە جەمئىي 17 پاراخوتنى «2-شىمالىي ئېقىم»  لايىھەسىگە چېتىشلىق 2019-يىللىق ياۋروپا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش قانۇنى بويىچە چەكلەنگەن مۈلۈك سۈپىتىدە تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئېمبارگولىرىمىزنى ئاساس قىلغان ھالدا <2-شىمالىي ئېقىم> تۇرۇبا يولىغا قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، تۇرۇبا يولىنىڭ ئۇكرائىناغا، ئالدىنقى سەپ لىنيەسى بولغان ناتوغا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان خىرىسلىرىنى ئازايتىش، رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە زىيانلىق پائالىيەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن گېرمانىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن داۋاملىق تىرىشمىز » دېدى.

جەمئىي 10 مىليارد ياۋرو خىراجەت قىلىنىدىغان «2-شىمالىي ئېقىم» لايىھەسى بىلەن، يىلدا 55 مىليارد كۇب مېتىر رۇسىيە گازىنى بالتىق دېڭىزى ئارقىلىق گېرمانىيەگە يەتكۈزۈش پىلان قىلىنماقتا.

ئۇكرائىنا، پولشا ۋە بالتىق دۆلەتلىرى قارشى چىققان «2-شىمالىي ئېقىم» لايىھەسىنىڭ ئاساسلىق ساھىبلىرى ئىچىدە، گازپروم (Gazprom) دىن باشقا، شېل (Shell)، ئو م ۋ (OMV)، ئېنجى (Engie)، يۇناپېر (Uniper) ۋە ۋىنتېرشەل (Wintershall) قاتارلىق شىركەتلەر بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر