«2-تۈركئەلى» قۇدۇقىدىكى سىناقلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى
قارا دېڭىزدا قېزىلغان «2-تۈركئەلى» قۇدۇقىنىڭ سىنىقىدا، تەبىئىي گاز مىقدارى كۈنلۈكى 650 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز تۋىتتېر ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، 28-ئىيۇلدا «2-تۈركئەلى» قۇدۇقىدا قىلىنغان سىناقلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ قارا دېڭىزدىكى تەبىئىي گاز مەشغۇلاتىغا مۇناسىۋەتلىك 21 سېكۇنتلۇق بىر ۋىدېئونى ھەمبەھىرلەپ، مۇنداق دېدى:
«2021-يىلى 28-ئىيۇل <2-تۈركئەلى> قۇدۇقىدا قىلىنغان سىناقلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاخىرلاشتى. 2021-يىلى 20-نويابىردىن باشلاپ تەبىئىي گاز كۈنلۈك مىقدارى 650 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتكەن ھالدا داۋاملاشماقتا. قارا دېڭىز گازلىقىدا 2023-يىللىق نىشانىمىز ناھايىتى ئېنىق ۋە روشەن. قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەۋاتىمىز» دېدى.
ئۇ ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن 11-قېتىملىق تۈركىيە ئېنېرگىيە يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، ساكاريا تەبىئىي گاز مەشغۇلات رايونىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىنژېنېرلىق خىزمەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ: «ئالىي سۈپەتلىك تۇرۇبالارنى زاكاس قىلدۇق. 2022-يىلنىڭ باھار ئايلىرىدا تۇرۇبالارنى دېڭىز ئاستىغا ياتقۇزىمىز» دېدى.
ئۇ تۆتىنچى بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ 2022-يىلنىڭ باھار ئايلىرىدا تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
«تۆتىنچى پاراخوتىمىزنىڭ ئىككى مۇنارى بار، دېڭىزدىكى ناھايىتى قىيىن شارائىتلاردا مەشغۇلات قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە. يۇقىرى بېسىملىق گاز چىقىرىشتا بىخەتەر مەشغۇلات قىلالايدۇ.»