ترامپ ۋاشىنگتوندىكى مېھمانسارىيىنى ساتماقچى

سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋاشىنگتوندىكى «ترامپ خەلقئارا مېھمانسارىيى» نى 375 مىليون دوللارغا ساتىدۇ.

1734028
ترامپ ۋاشىنگتوندىكى مېھمانسارىيىنى ساتماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب ب س ئامېرىكا سابىق پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ۋاشىنگتوندىكى مېھمانسارىيىنى 375 مىليون دوللارغا ساتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ترامپنىڭ پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى ئائىلە شىركىتىنىڭ مېھمانساراينىڭ سېتىلىشى ئۈچۈن مەركىزى مىئامىغا جايلاشقان مەبلەغ شىركىتى «CGIMerchant Group» بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

خەۋەردە، مېھمانساراينىڭ 375 مىليون دوللارغا سېتىلىشى ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى ۋە مېھمانساراينى رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشلىرىنىڭ 2022-يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە بېجىرىلىدىغانلىقى؛ مېھمانساراي سېتىلغاندىن كېيىن، ئىسمىنىڭ ۋولدورف ئاستورىيا (Waldorf Astoria) غا ئۆزگەرتىلىدىغانلىقى ۋە خىلتون (Hilton) گۇرۇھى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، 60 يىللىق ئىجارە توختامى بولغان مېھمانساراي ئۈچۈن 2019-يىلدىن بۇيان خېرىدار چاقىرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

 ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا، ترامپ ئۈستىدىن مېھمانسارايغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

تەكشۈرۈشتە، ترامپ پىرېزىدېنت بولغان مەزگىلدە مېھمانساراينىڭ 70 مىليون دوللار زىيان تارتقانلىقى ۋە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىدىن 3.7 مىليون دوللار ھەق تاپشۇرۇۋالغانلىقى ئېنىقلانغان ئىدى.

ترامپ ئائىلە شىركىتى تەكشۈرۈشنىڭ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئاقسارايدىن بىر قانچە كوچا ئارقىغا جايلاشقان مېھمانساراي 2016-يىلى سېنتەبىردە ئېچىلغان ئىدى.

مېھمانساراي بىناسى 2012-يىلى ترامپ ئائىلە شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان بولۇپ، ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى بولغاندىن كېيىن، مېھمانسارايغا ئۆزگەرتىلىپ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر