تۈركىيەدىن 83 دۆلەتكە 125 مىليون دوللارلىق گۈل ئېكسپورت قىلىندى
زىننەت ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ساھەسى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) يۇقۇمى مەزگىلىدە ئېكسپورتىنى ئاشۇرغان ساھەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاليا، ئىزمىر، ساكاريا، ئىسپارتا ۋە ھەر قايسى شەھەرلەردە ئۆستۈرۈلگەن گۈللەر چەت ئەللەرنىڭ زور تەلىپىنى قاندۇرماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئانتاليادىن چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىنغان گۈللەر %65 نى ئىگىلەيدۇ.
زىننەت ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل يىلماز يۇقۇم مەزگىلىدىمۇ مەزكۇر ساھەنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ بۇ يىللىق (2021) ئېكسپورت نىشانىنى 115 مىليون دوللار قىلىپ بېكىتكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «بۈگۈنگىچە، بىز 125 مىليون دوللار ئەتراپىدا ئېكسپورت قىلدۇق. مېنىڭچە يىل ئاخىرىغىچە 150 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كېتىمىز. بۇ ئېكسپورتىمىزنىڭ %55-50 ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى.
ئۇ بولۇپمۇ ياۋروپادا زور قىزىقىشنىڭ بارلىقىنى، 83 دۆلەتكە گۈل ئەۋەتكەنلىكلىرىنى، بۇنىڭ ئىچىدە، گوللاندىيە، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، ئۆزبېكىستان ، رۇمېنىيە ۋە بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ يۇقۇم مەزگىلىدە گۈل ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ سانىدا ۋە گۈل ئېكسپورت مىقدارىدا كۆپىيىش بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.