تۈركىيەنىڭ تاۋۇز ئېكسپورتىدا ئېشىش كۆرۈلدى

1- ئايدىن 9- ئايغىچە بولغان مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ تاۋۇز ئېكسپورتى ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %6 ئېشىپ، 21 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتتى.

1720534
تۈركىيەنىڭ تاۋۇز ئېكسپورتىدا ئېشىش كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەگە دېڭىزى ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر 1- ئايدىن 9- ئايغىچە بولغان مەزگىلدە 19 مىليون 900 مىڭ دوللارلىق تاۋۇز ئېكسپورت قىلغان تۈركىيە، بۇ يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە ئېكسپورت سوممىسىنى %6 ئاشۇرۇپ 21 مىليون 166 مىڭ دوللارغا يەتكۈزگەن.

بۇ مەزگىلدە ئەڭ كۆپ تاۋۇز 4 مىليون 400 مىڭ دوللار بىلەن رۇسىيەگە سېتىلغان، رۇسىيەدىن كېيىن 2 مىليون 400 مىڭ دوللار بىلەن پولشا، 2 مىليون دوللار بىلەن بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا ئورۇن ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر