تۈركىيەدە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سانىدا ئېشىش كۆرۈلدى

تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سانى بۇ يىل (2021) نىڭ دەسلەپكى توققۇز ئېيىدا، 2020-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %8 ئېشىپ 922 مىڭ دانىگە يەتتى.

1717874
تۈركىيەدە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سانىدا ئېشىش كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتى 2021-يىلنىڭ يانۋار ئېيىدىن سېنتەبىر ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسپورت رەقىمى ۋە بازار مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يىلنىڭ دەسلەپكى توققۇز ئېيىدا جەمئىي ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سانى 2020-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %8 ئېشىپ 921 مىڭ 619 دانىگە يەتكەن. بۇ مەزگىلدە تىجارەت ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سانى %26 ئاشقان. بۇ سان ئېغىر تىجارەت ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسىدا %38، يىنىك تىجارەت ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسىدا %25 ئاشقان بولۇپ، توققۇز ئايدا تىجارەت ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىش سانى 350 مىڭ 511 دانىگە يەتكەن.

تىجارەت ئاپتوموبىلى بازىرى %23، يىنىك تىجارەت ئاپتوموبىل بازىرى %18 ۋە يىنىك تىجارەت ئاپتوموبىل بازىرى %63 ئاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر