تۈركىيە 115 دۆلەتكە چاي ئېكسپورت قىلدى

شەرقىي قارا دېڭىز ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەھمەت ھامدى چاي ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر سانىنىڭ 115 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1717777
تۈركىيە 115 دۆلەتكە چاي ئېكسپورت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە 2021-يىلنىڭ يانۋار ئېيىدىن سېنتەبىر ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە 115 دۆلەتكە قىلغان چاي ئېكسپورتىدىن 13 مىليون 212 مىڭ دوللار كىرىم قىلدى.

شەرقىي قارا دېڭىز ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەھمەت ھامدى گۈردوغان يازما باياناتىدا، بۇ يىل (2021) نىڭ توققۇز ئايلىق مەزگىلىدە 3 مىڭ 247 توننا چاي ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئەڭ كۆپ چاي ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ رەت تەرتىپى بويىچە گېرمانىيە، ئامېرىكا، گوللاندىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ چاي ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر سانىنىڭ 115 كە يەتكەنلىكىنىڭ مۇھىم ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئېلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر