تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى ئاۋغۇستتا % 51.9 ئاشتى
تۈركىيەنىڭ ئېكىسپورتى ئاۋغۇستتا ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 51.9 ئېشىپ، 18 مىليارد 916 مىليون دوللارغا يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى بىلەن سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئېلان قىلىنغان تۈركىيەنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدىكى ۋاقىتلىق تاشقى سودىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ئېكىسپورتى ئاۋغۇستتا ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 51.9 ئېشىپ، 18 مىليارد 916 مىليون دوللارغا يەتكەن.
ئاۋغۇستتا، گېرمانىيە ئېكسپورتتا بىرىنچى رەتكە تىزىلغان. گېرمانىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت 1 مىليارد 575 مىليون دوللارغا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قىلىنغان ئېكسپورت 1 مىليارد 313 مىليون دوللارغا، ئەنگىلىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت 1 مىليارد 194 مىليون دوللارغا، ئىراققا قىلىنغان ئېكسپورت 939 مىليون دوللارغا، ئىسپانىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت 839 مىليون دوللارغا يەتكەن. ئالدىنقى 5 دۆلەتكە قىلىنغان ئېكسپورت، ئومۇمىي ئېكسپورتنىڭ% 31.0 نى تەشكىل قىلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.