ئەردوغان كەلگۈسى ئۈچ يىلنىڭ ئىقتىسادىي يول خەرىتىسى توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا، كەلگۈسى ئۈچ يىلنىڭ ئىقتىسادىي يول خەرىتىسىنى تەشكىل قىلغان ئوتتۇرا مەزگىللىك پىلان توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.

1703851
ئەردوغان كەلگۈسى ئۈچ يىلنىڭ ئىقتىسادىي يول خەرىتىسى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇچۇرىدا، ئوتتۇرا مەزگىللىك پىلاننىڭ چوڭ ۋە قۇدرەتلىك تۈركىيە بەرپا قىلىش يولىدىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ تۈركىيە ۋە تۈرك خەلقىگە خەيرلىك بولۇشىنى تىلىدى ۋە پىلاننى تەييارلاشقا تۆھپە قوشقان بارلىق ئىدارە – ئورگانلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ئەردوغان ئۇچۇرىدا: «ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە %5.3 لىك سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلىشىنى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە 1 مىليون 170 مىڭ ئادەم كۆپىيىشىنى، ئېكسپورتنىڭ ئۈچ يىلنىڭ ئاخىرىدا 250 مىليارد دوللاردىن ئېشىشىنى، پىلان مۇددىتى ئاخىرلاشقاندا، ھېسابات قىزىل رەقىمىنىڭ دۆلەت كىرىمى بىلەن بولغان نىسبىتىنىڭ %1 كە تۆۋەنلىشىنى، مەركىزىي ھۆكۈمەت خامچوت قىزىل رەقىمىنىڭ دۆلەت كىرىمى بىلەن بولغان نىسبىتىنىڭ %2.9 گە چۈشۈشىنى، پۇل پاخاللىقىنىڭ سىجىل بىر خانىلىق سەۋىيىگە تۆۋەنلىشىنى مۆلچەرلىمەكتىمىز. بۇ يىل مىللىي كىرىمىمىزنى 800 مىليارد دوللاردىن ئاشۇرۇشىمىز، پىلان مۇددىتى توشقاندا 1 تىرىليون دوللارغا يەتكۈزىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن  بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر