تۈركىيە ئاپتوموبىل سانائىتى ئاۋغۇستتىكى ئېكسپورت سودىسىدا رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئاپتوموبىل سانائىتى چەتئەلنىڭ يولۇچىلار ئاپتوموبىلىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى بىلەن 8-ئايدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ئېكسپورت رېكورتىنى ياراتتى.

1702736
تۈركىيە ئاپتوموبىل سانائىتى ئاۋغۇستتىكى ئېكسپورت سودىسىدا رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېكسپورتىدا 15 يىلدىن بۇيان ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاپتوموبىل سانائىتى 8-ئايدا 2 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلدى.

ئاپتوموبىل سانائىتى 8-ئايدا ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا چەتئەللەرگە سېتىش نىسبىتىنى %57 ئاشۇرۇپ، ئېكسپورتتىن %12.8 ئۈلۈشنى ھاسىل قىلدى.

تۈركىيە ئاپتوموبىل سانائىتى 8-ئايدا  ئەڭ كۆپ ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەت %23 لىك ئېشىش بىلەن گېرمانىيە بولدى ۋە 311 مىليون 200 مىڭ دوللارلىق ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلدى.

ئۇنىڭدىن قالسا ئەنگىلىيەگە %211 لىك  ئېشىش بىلەن 297 مىليون 400 مىڭ دوللارلىق ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلدى.

بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئارقىدىن فرانسىيەگە %76 لىك ئېشىش بىلەن 260 مىليون دوللار لىق، سلوۋېنىيەگە %174 لىك ئېشىش بىلەن 185 مىليون 600 مىڭ دوللارلىق ۋە ئىتالىيەگە %53 لىك ئېشىش بىلەن 179 مىليون دوللارلىق ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر