ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئاۋغۇست ئېيىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئاۋغۇستتا ئايلىق نىسبەتتە % 0.7 ئاشىپ، 100.8 گە يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى، ئىيۇل ئېيىدا 100.1 بولۇپ، ئاۋغۇست ئېيىدا % 0.7 ئېشىپ، 100.8 گە يەتكەن.
شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى يېقىنقى 39 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەن.
ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىشىدا، ئەمەلىي ساھە (ياسىمىچىلىق كەسپى)، مۇلازىمەت، پارچە سېتىش سودىسى ۋە قۇرۇلۇش كەسپىنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىشى تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
ئەمەلىي ساھەنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئاۋغۇست ئېيىدا ئالدىنقى ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا% 0.1 ئېشىپ، 112.2 گە، مۇلازىمەت ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى% 1.2 ئېشىپ 116.1 كە، پارچە سېتىش سودا ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى% 0.6 ئېشىپ 110.3 كە يەتكەن، قۇرۇلۇش ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى% 7 ئېشىپ 92.4 كە يەتكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكىسپورتى ئاشتى
تۈركىيە 4-ئايدا 211 مىليون 494 مىڭ دوللارلىق مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 54 شەھىرىنىڭ ئېكىسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئاشتى.