دۇنيا بانكىسى ئافغانىستانغا ئىقتىسادىي ياردەمنى توختاتتى

دۇنيا بانكىسى ئافغانىستاندىكى پائالىيەتلەر ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي ياردەمنى توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1696823
دۇنيا بانكىسى ئافغانىستانغا ئىقتىسادىي ياردەمنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكىسى باياناتچىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالىدىن، بولۇپمۇ ئاياللارغا بولغان تەسىرىدىن «قاتتىق ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى» تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئافغانىستاندىكى پائالىيەتلەر ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي ياردەمنى توختاتتۇق، ئىچكى سىياسىتىمىز ۋە پىرىنسىپىمىزغا ئاساسەن ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز ۋە نەتىجىلىرىگە قاراپ چىقىۋاتىمىز.»

دۇنيا بانكىسىنىڭ  خەلقئارا جەمئىيەت ۋە تەرەققىيات ھەمراھلىرى بىلەن يېقىندىن مەسلىھەتلىشىش ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، مىڭتەسلىكتە قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئافغانىستان خەلقىنى داۋاملىق قوللاش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر