سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئىيۇندا ئايلىق نىسبەتتە % 2.3، يىللىق نىسبەتتە % 23.9 ئاشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىيۇن ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى دوكلاتغا ئاساسلانغاندا، ئىيۇن ئېيىدا تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 23.9 ئاشقان.
سانائەتنىڭ تارماق ساھەلىرى بولغان كانچىلىق ۋە كانچىلىق كەسپى كۆرسەتكۈچى، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 24.3، ياسىمىچىلىق كەسپى كۆرسەتكۈچى% 24.8، توك، تەبىئىي گاز، پار ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەپچىقىرىش تەقسىمات كەسپى كۆرسەتكۈچى% 13.9 ئاشقان، تەڭشەلمىگەن سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچىمۇ يىللىق نىسبەتتە% 23.7 ئاشقان.
پەسىل ۋە كالىندار تەڭشەلگەن سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى، 6-ئايدا مايغا سېلىشتۇرغاندا% 2.3 ئاشقان.
كالېندار تەڭشەلگەن سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى، بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى پەسىلدە ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 41.1 ئاشقان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.