ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئاشتى
ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئىيۇل ئېيىدا % 2.3 ئېشىش بىلەن 100.1 غا يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىيۇل ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، كۆرسەتكۈچ ئىيۇن ئېيىدا 97.8 بولۇپ، ئىيۇل ئېيىدا % 2.3 ئېشىپ، 100.1 گە يەتكەن.
ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىشىدا، ئىستېمالچىلار، ئەمەلىي ساھە (ياسىمىچىلىق كەسپى)، مۇلازىمەت، پارچە سېتىش سودىسى ۋە قۇرۇلۇش كەسپىنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىشى مۇھىم رول ئوينىغان.
ئەمەلىي ساھەنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئىيۇلدا ئايلىق نىسبەتتە % 2.1 ئېشىپ، 112.1 كە، مۇلازىمەت ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى% 5.8 ئېشىپ، 114.8 كە، پارچە سېتىش سودا ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى% 3.7 ئېشىپ، 109.6 كە، قۇرۇلۇش كەسپىنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى% 4.7 ئېشىپ، 86.3 كە يەتكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.