تويوتا تايلاندتىكى مۇئەسسەسەلىرىدە پائالىيەتلىرىنى توختاتتى

تويوتا موتور زاپچاس بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى سەۋەبىدىن تايلاندتىكى مۇئەسسەسەلىرىدە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1679162
تويوتا تايلاندتىكى مۇئەسسەسەلىرىدە پائالىيەتلىرىنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «كيودو ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ تويوتا شىركىتى، تايلاندنىڭ پايتەختى باڭكوك شەھەر ئەتراپىدىكى ئۈچ زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقان.

يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 760 مىڭ بولغان مۇئەسسەسەلەردە زاپچاس بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنى توختىتىش 28 – ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، تويوتا، ياپونىيەنىڭ ئايچى ئۆلكىسىدىكى Toyota Auto Body  مۇئەسسەسەلىرىدىمۇ ئىشلەپچىقىرىشنى ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىدا ئۇدا 5 كۈن توختىتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر