رۇسىيەلىك ئېكاتېرىنا كوۋالچۇك تۈركىيەنىڭ ساياھەت ساھەسىگە تۆھپە قوشماقتا

تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن رۇسىيەدىن كېلىپ، تۈركىيەگە مەپتۇن بولغان ۋە ئىستانبۇلدا ياشاشقا باشلىغان ئېكاتېرىنا كوۋالچۇك تۈركىيەنىڭ ساياھەت ساھەسىگە تۆھپە قوشماقتا.

1667380
رۇسىيەلىك ئېكاتېرىنا كوۋالچۇك تۈركىيەنىڭ ساياھەت ساھەسىگە تۆھپە قوشماقتا
turizm.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئېكاتېرىنا كوۋالچۇك كوۋىد-19 يۇقۇمى مەزگىلىدە، رۇسىيە ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن شەرقىي قارا دېڭىز رايونىغا ساياھەتچىلەرنى تەشكىللەپ،  رايوننىڭ تونۇلىشىغا ھەسسە قوشماقتا.

كوۋالچۇك 13 يىل ئىلگىرى رۇسىيەنىڭ نوۋوروسسىيسك شەھىرىدىن تۈركىيەگە تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. بۇ مەزگىلدە تۈركىيەگە مەپتۇن بولغان كوۋالچۇك ئىستانبۇلدا ياشاشقا باشلىدى.

كوۋالچۇك بولۇپمۇ شەرقىي قارا دېڭىز رايونىغا بولغان مەستانىلىقى سەۋەبىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۆزىنى «كايتا قارا دېڭىز» دەپ تونۇتتى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قارا دېڭىزنىڭ سۈرەتلىرىنى دائىم ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق رايوننى تۇنۇشتۇرۇسشقا تىرىشتى.

رۇسىيە، ئۇكرائىنا، بېلورۇسىيە ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ رايونغا كېلىشىگە ۋە تەبىئەت مەنزىرىلىرىدىن تولۇق ھۇزۇرلىنىشىغا ياردەمچى بولدى.

تەلەپكە ئاساسەن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۇيۇشتۇرغان ساياھەت پىلانلىرى بىلەن رۇسىيە ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە شەرقىي قارا دېڭىز رايونىدا يېتەكچىلىك قىلدى. يۇقۇم مەزگىلىدە رايونغا 4 كۈنلۈك ساياھەتلەرنى تەشكىللىگەنلىكىنى ئېيتتى.

كوۋالچۇك تۈركىيەگە يېقىن ۋە رۇس تىلىدا سۆزلىشەلەيدىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە شەرقىي قارا دېڭىزنى تاللىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قارا دېڭىزنىڭ يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر