ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئىيۇن ئېيىدا % 5.6 ئېشىپ 97.8 گە يەتتى.

تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئىيۇندا ئايلىق نىسبەتتە % 5.6 ئېشىپ 97.8 گە يەتتى.

1666635
ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئىيۇن ئېيىدا % 5.6 ئېشىپ 97.8 گە يەتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىيۇن ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ماي ئېيىدا % 92.6 بولۇپ، ئىيۇن ئېيىدا % 5.6 ئېشىپ 97.8 گە يەتكەن. ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىدىكى ئېشىش، ئىستېمالچىلار، ئەمەلىي ساھە (ياسىمىچىلىق كەسپى)، خىزمەت، پارچە سېتىش سودىسى ۋە قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىشىدىن بولغان.

ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ماي ئېيىدا ئالدىنقى ئاينىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 5.8 ئېشىپ، % 81.7 گە، ئەمەلىي ساھە ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى % 2.5 ئېشىپ، % 109.8 گە، خىزمەت ساھەسى ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى % 6.2 ئېشىش بىلەن % 108.5 كە، پارچە سېتىش سودىسى ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى % 4.8 ئېشىپ، % 105.7 گە، قۇرۇلۇش ساھەسى ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى % 3.6 ئېشىپ، % 82.4 كە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر