ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى سىياسەت ئۆسۈمىنى ئۆزگەرتمىدى

ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى (Fed) فېدېراتسىيە ئېچىۋېتىلگەن بازار كومىتېتىنىڭ ئىيۇن ئېيى يىغىنىدىن كېيىن، سىياسەت ئۆسۈمىنى ئاۋاز بىرلىكى بىلەن %0.25-0 ئارىسىدا مۇقىم تۇتۇشنى قارار قىلدى. پۇل پاخاللىقى تەخمىنىنى ئۆستۈردى.

1659779
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى  سىياسەت ئۆسۈمىنى ئۆزگەرتمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى سىياسەت ئۆسۈمىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

بانكانىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بانكانىڭ 2021-يىلىغا مۇناسىۋەتلىك مارت ئېيىدىكى پۇل پاخاللىقى تەخمىنىنى بىر نومۇر يۇقىرى كۆتۈرۈپ %3.4 كە ئۆستۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، پۇل پاخاللىقىنىڭ يۇقىرىغا يۈزلەنگەن بېسىملارنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باياناتتا، ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقلىرىنىڭ 2023-يىلى باشلىنىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.

كومىتېت مارت ئېيىدا 2024-يىلىغىچە ھېچقانداق ئۆسۈم ئۆستۈرۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ باشلىقى جېروم پوۋېل (Jerome Powell) بايانات ئېلان قىلىپ، بانكانىڭ مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇل سىياسىتى نىشانىغا يېتىش مەسىلىسىدە، قەتئىي قارارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مەركىزىي بانكانىڭ ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تاماملانغۇچە سىياسەت ئۆسۈمىنى ۋە مۈلۈك سېتىۋېلىشنى مۇقىم تۇتۇپ، داۋاملىق ئىقتىسادنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر