تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى تۈركىيەنىڭ ماركا قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركىتى بولۇپ باھالاندى
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى (THY) 2021 - يىلىني تۈركىيەنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ماركىسى بولدى.
1654695
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارالىق ماركا باھالاش تەشكىلاتى — Brand Finance، 2021- يىللىق «تۈركىيەنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ماركىلىرى — Turkey-100» غا ئالاقىدار تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزممەتلىرىنى تاماملىدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتىش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 2019- ۋە 2020- يىللىرىدىكىگە ئوخشاشلا تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 1 مىليارد 605 مىليون دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن، ئۇنىڭدىن قالسا، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە تېخنولوگىيە شىركىتى — ئارچەلىك، 1 مىليارد 585 مىليون دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا ئۈچ بالداق ئۆرلەپ ئىككىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان.
تىزىملىكتە 1 مىليارد 193 مىليون دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا بەش بالداق ئۆرلىگەن ئىش بانكىسى (İş Bank) ئۈچىنچى؛ 1 مىليارد 190 مىليون دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن Garanti BBVA تۆتىنچى؛ 1 مىليارد 61 مىليون دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن تېخنىكىلىق ئۇچۇر - ئالاقە شىركىتى — تۈركسەل بەشىنچى؛ 952 مىليارد دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئالتىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.