ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ئايروپىلان سەپەرلىرىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان

ياۋروپا ئايروپىلان سەپەرلىرى بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ 2021-يىلى يانۋاردىن ئاپرېلغىچە بولغان تۆت ئايلىق ئايروپىلان سەپەرلىرى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا 63 مىڭ 64 ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلگە ئاشقان.

1631399
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ئايروپىلان سەپەرلىرىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئايروپىلان سەپەرلىرى بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ 2021-يىلى يانۋاردىن ئاپرېلغىچە بولغان تۆت ئايلىق ئايروپىلان سەپەرلىرى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا 63 مىڭ 64 ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلگە ئاشقان.

بۇ ئايروپىلان سەپەرلىرى 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا ياۋروپادا ئەڭ كۆپ ئايروپىلان سەپىرى قىلىنىدىغان ئايرودۇرۇم دەپ بىلىنىدىغان ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن كېيىن، 59 مىڭ 921 ئايروپىلان سەپىرى بىلەن «پارىژ چارلېز دېگول ئايرودۇرۇمى» (Paris Charles de Gaulle) ئىككىنچى رەتتە تۇرغان. ئامستېردام شپول ئايرودۇرۇمى (Amsterdam Schiphol) ئۈچىنچى ئورۇندا، فرانكفۇرت ئايرودۇرۇمى 52 مىڭ 464 ئايروپىلان سەپىرى بىلەن تۆتىنچى ئورۇندا، مادرىد باراجاس ئايرودۇرۇمى (Madrid Barajas) 42 مىڭ 543 ئايروپىلان سەپىرى بىلەن بەشىنچى ئورۇندا تۇرغان.

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «دۇنيادىكى ئاۋىياتسىيە مەركىزىي بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن چىققان بۇ يولىمىزدا، 2021-يىلىنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا ياۋروپادا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگەللەپ، ياۋروپانىڭ ئەڭ كۆپ ئايروپىلان سەپىرى قىلىنغان ئايرودۇرۇمى بولدۇق. بۇ شەرەپ ھەممىمىزگە مەنسۇپ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر