رۇس ساياھەتچىلەر تۈركىيەنى تاللىدى

بۇ يىل (2021) نىڭ بېشىدىن بۇيان 2 مىليون 69 مىڭ كىشى تۈركىيەنى زىيارەت قىلدى.

1631518
رۇس ساياھەتچىلەر تۈركىيەنى تاللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا،  بۇ يىل (2021) نىڭ بېشىدىن بۇيان 2 مىليون 69 مىڭ كىشى تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئەڭ كۆپ زىيارەتچى كەلگەن دۆلەت 395 مىڭ 915 كىشى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بولغان.

رۇسىيەدىن قالسا، 152 مىڭ 923 كىشى بىلەن ئىران ئىككىنچى، 130 مىڭ 897 كىشى بىلەن گېرمانىيە ئۈچىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان.  بۇلغارىيە بىلەن ئۇكرائىنا تەرتىپى بويىچە تۆتىنچى ۋە بەشىنچى بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر