رېنالت گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىسيان قىلدى

فىرانسىيەنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان موغبىيان (Morbihan) رايونىدا رېنالت ئاپتوموبىل گۇرۇھى (Renault Group) زاۋۇتىنىڭ خىزمەچىلىرى، زاۋۇتنى قورشاۋغا ئېلىپ باشقۇرغۇچىلارنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى.

1629919
رېنالت گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىسيان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەڭ چوڭ پېيى دۆلەتكە تەۋە بولغان رېنالت ئاپتوموبىل گۇرۇھى موغبىيان رايونىغا قاراشلىق گۇدۇن (Caudan)  شەھىرىدىكى زاۋۇتىنى سېتىشنى قارار قىلدى.  زاۋۇتنىڭ تەخمىنەن 350 خىزمەتچىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى زاۋۇت سېتىلغاندا ئىشسىز قالىدىغانلىقلىرىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، سېتىش قارارىغا قارشى چىقتى ۋە زاۋۇتنىڭ دەرۋازىلىرىنى تاقاپ، زاۋۇت باشقۇرغۇچىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى.

ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى تەلەپلەرگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىلمىگىچە ھېچكىمنىڭ قويۇپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رېنالت ئاپتوموبىل گۇرۇھى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، زاۋۇت خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ۋە يەتتە باشقۇرغۇچىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

باياناتتا، زاۋۇت قورشاۋىنى بالدۇرراق ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە زاۋۇت باشقۇرغۇچىلىرىنى قويۇپ بېرىش چاقىرىق قىلىندى ۋە زاۋۇت سېتىلغاندا ئىشچىلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىشسىز قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان خېرىدار ئىزدىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

رېنالت ئاپتوموبىل گۇرۇھى مارت (2021) ئېيىنىڭ ئاخىرىدا تېجەش پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە زاۋۇت سېتىش قارارىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

فىرانسىيە ئىقتىساد، ئەمگەك ۋە سانائەت مىنىستىرلىقلىرى بىلەن شىركەت ۋەكىللىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى (2021-يىلى 27-ئاپرېل) يىغىنىدا، ئىشچىلارنىڭ خىزمىتىنى قوغداش ئۈچۈن قۇتقۇزۇش فوندى قۇرۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

زاۋۇت ئىشچىلىرى بولسا، بۇ فوندنىڭ ئۆزلىرىنى قايتىدىن سىنىپقا ئايرىپ، ئىشتىن چىقىرىش پىلانى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر