ئامېرىكالىق داڭلىق ناخشىچىنىڭ تەنھەرىكەت ئاياغلىرى 1.8 مىليون دوللارغا سېتىلدى
ئامېرىكالىق داڭلىق ناخشىچى كانيې ۋېستنىڭ 2008-يىللىق گراممېي مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا كىيگەن تەنھەرىكەت ئاياغلىرى كىمئارتۇق سودىسىدا 1 مىليون 800 مىڭ دوللارغا سېتىلدى.
1629074
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:Sotheby's كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنى، ئامېرىكالىق داڭلىق ناخشىچى كانيې ۋېستنىڭ تەنھەرىكەت ئاياغلىرىنى، بىر شەخسىي شىركەتنىڭ 1 مىليون 800 مىڭ دوللارغا سېتىۋالغانلىقىنى ئۇقتۇردى، ھەمدە بۇنىڭ «ھازىرغىچە كىمئارتۇق سودىسىدا ئەڭ يۇقىرى باھادا سېتىلغان» تەنھەرىكەت ئاياغلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.