تۈركىيە نېپالغا ياردەم قولىنى سۇندى

تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى نېپالدىكى ئېھتىياج ساھىبلىرىغا ياردەم قولىنى سۇندى.

1624948
تۈركىيە نېپالغا ياردەم قولىنى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى بۇ يىل «قېرىندىشىڭزنى ئۇنتۇپ قالماڭ، چۈنكى سىز ئۈمىد چىرىغى بولىسىز» شوئارى ئاستىدا ئېھتىياج ساھىبلىرىغا ياردەم قولىنى سۇنماقتا.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساخاۋەتچىلەر ئىئانە قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى،  تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى يايرىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكىگە  ئوخشاشلا نېپالدىمۇ قىيىن شارائىت ئاستىدا ياشاۋاتقان ئېھتىياج ساھىبلىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇۋاتقان تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى پىدائىيلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان يېشىكلارنى نېپالگۇنج شەھىرىدىكى ئېھتىياجلىق ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بېرىشكە باشلىدى.

رايون خەلقى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنغان تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى پىدائىيلىرى، يېمەك - ئىچمەك يېشىكلىرى ۋە تۈرلۈك ھەدىيەلەرنى ئوخشىمىغان مەھەللىلەردىكى 250 ئائىلىگە يەتكۈزۈپ بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى رامىزان ئېيى بويىچە نېپالنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىكى ئىنسانلارغىمۇ يەتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر