تۈركىيەنىڭ مېۋە-چىۋە ئېكسپورتى %22 ئېشىپ 774.5 مىليون دوللارغا يەتتى.

ئاقدېڭىز مېۋە-چىۋە ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى نەجدات سىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ يانۋار ئېيىدىن مارت ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدىكى كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋە ئېكسپورتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

1620361
تۈركىيەنىڭ مېۋە-چىۋە ئېكسپورتى %22 ئېشىپ 774.5 مىليون دوللارغا يەتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقدېڭىز كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋە ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى نەجدات سىن كۆكتات ۋە مېۋى-چىۋە ئېكسپورتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ بۇ مەزگىلدىكى كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋە ئېكسپورتىنىڭ ئۆتكەن يىل (2020) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە، تۈركىيەنىڭ كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋە ئېكسپورتىنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %22 ئېشىپ 774.5 مىليون دوللارغا يەتتى. قولغا كەلتۈرگەن بۇ نەتىجىلەردە، ئۈنۈملۈك، سۈپەتلىك ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئورتاق تىرىشچانلىقلىرىمىز زور تەسىرگە ئىگە بولماقتا» دېدى.

ئۇ ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ: «يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە ئەڭ كۆپ رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلدۇق ۋە رۇسىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت مىقدارى %14 ئېشىپ 228.9 مىليون دوللارغا يەتتى. ئىراققا قىلىنغان ئېكسپورت %90 ئېشىپ 76 مىليون دوللارغا يەتتى. ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى. رۇمېنىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت %17 ئېشىپ 69.2 مىليون دوللارغا يەتتى ۋە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى. ئوخشاش مەزگىلدە ئېكسپورت نىسبىتى %364 ئېشىپ، ئېكسپورت نىسبىتى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان دۆلەت سۈرىيە بولدى. ئېكسپورت مىقدارى 22.7 مىليون دوللارغا يەتتى. لىۋىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت %156 ئېشىپ 6 مىليون دوللارغا يەتتى ۋە ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى. ئاۋستىرىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت %112 ئېشىپ 7.3 مىليون دوللارغا يەتتى ۋە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى. ھىندىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قىلىنغان ئېكسپورت مىقدارىدىمۇ زور ئېشىشلارنى قولغا كەلتۈردۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر