تۈركىيە يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسى كۈچىنى ئەڭ كۆپ ئاشۇرغان دۆلەت
تۈركىيە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارىماي يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسى كۈچىنى ئەڭ كۆپ ئاشۇرغان دۆلەت بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا سىجىل ئېنېرگىيە ئورگىنى تەرىپىدىن تەييارلانغان «2021 – يىللىق سىجىل ئېنېرگىيە كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار» ناملىق دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسى كۈچى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرى ئېتىبارى بىلەن 14 مىڭ 50 مېگاۋاتقا يەتكەن.
بۇ مەزگىلدە، يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسى كۈچى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت، 2 مىڭ 587 مېگاۋاتلىق ئېنېرگىيە كۈچى بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بولغان، ئامېرىكادىن قالسا 2 مىڭ 231 مېگاۋاتلىق ئېنېرگىيە كۈچى بىلەن ھىندونېزىيە 2 – رەتكە، 1928 مېگاۋاتلىق ئېنېرگىيە كۈچى بىلەن فىلىپپىن 3 – رەتكە، 1623 مېگاۋاتلىق ئېنېرگىيە كۈچى بىلەن تۈركىيە 4 – رەتكە تىزىلغان.
«كوۋىد – 19» يۇقۇمى ئالدىنقى يىلى ئىقتىسادىي ساھەلەردە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېنىقسىزلىققا ۋە زەنجىرسىمان ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئاقساپ قېلىشىغا قارىماي، يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە كۈچىنى ئەڭ كۆپ ئاشۇرغان دۆلەت، 99 مېگاۋاتلىق ئېنېرگىيە كۈچى بىلەن تۈركىيە بولغان.
تۈركىيەدىن قالسا يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە كۈچىنى ئەڭ كۆپ ئاشۇرغان دۆلەتلەر، 32 مېگاۋاتلىق ئېنېرگىيە كۈچى بىلەن يېڭى زېلاندىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، 30 مېگاۋاتلىق ئېنېرگىيە كۈچى بىلەن ئىتالىيە بولغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.