تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ساياھەت كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالىدى

تۈركىيە ساياھەت ئاگېنتلىقلىرى بىرلىكى بىلەن ئەزەربەيجان ساياھەت ئاگېنتلىقلىرى بىرلىكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەت ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالىدى.

1615488
تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ساياھەت كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېلەچەكتىكى ئورتاق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورتاق ساياھەت مۇنبەرلىرىنى شەكىللەندۈرۈش، ساغلاملىق ساياھىتى قاتارلىق نۇقتىلار مۇزاكىرە قىلىنغان ئىمزا مۇراسىمىغا، تۈركىيە ساياھەت ئاگېنتلىقلىرى بىرلىكىنىڭ باشلىقى فىرۇز باغلىقايا، ئەزەربەيجان ساياھەت ئاگېنتلىقلىرى بىرلىكىنىڭ باشلىقى رۇسلان گۇلىيېۋ،  تۈركىيە ساياھەت ئاگېنتلىقلىرى بىرلىكى ساغلاملىق ساياھەت ساھەسى مەسئۇلى ئەلى رىفات پەشكىرجىئوغلۇ قاتارلىقلار قاتناشتى.

ئىمزالانغان كېلىشىم لايىھەسى ئارقىلىق ساغلاملىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورتاق ساياھەت مۇنبىرى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. بۇ كېلىشىم لايىھەسىنىڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىيارەت سانىنى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر