تۈركىيە ماۋرىتانىيەدىكى ئېھتىياجلىق ئائىلىلەرگە ياردەم قولىنى سۇندى

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چەت ئەللەردىكى تۈركلەرنىڭ ئىئانىسى بىلەن تەييارلانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ماۋرىتانىيەنىڭ براكنا رايونىدا ياشاۋاتقان ئېھتىياجلىق ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلمەكتە.

1615146
تۈركىيە ماۋرىتانىيەدىكى ئېھتىياجلىق ئائىلىلەرگە ياردەم قولىنى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ۋە دىيانەت ئىشلىرى تۈرك – ئىسلام بىرلىكىنىڭ گېرمانىيەدىكى ۋاكالەتخانىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ماۋرىتانىيەدە قىيىن شارائىتلاردا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ياردەمچى بولۇش مەقسىتىدە چەت ئەللەردە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا.

سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە توپلانغان ئىئانەلەر بىلەن تەييارلانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان يېشىكلارنىڭ بىر قىسمى، ماۋرىتانىيەنىڭ پايتەختى نۋاكشوتنىڭ تەخمىنەن 400 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى  سېنېگال چېگراسىغا جايلاشقان براكنا رايونىدا ياشاۋاتقان ئېھتىياجلىق ئائىلىلەرگە يتكۈزۈپ بېرىلىشكە باشلاندى.

رايوندىكى خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشى بىلەن قارشى ئېلىنغان تۈركىيەنىڭ نۋاكشوت ئەلچىخانىسى دىنىي خىزمەتلەر ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسلىھەتچىسى رەمزى ياربا بىلەن تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ۋە دىنايەت ئىشلىرى تۈرك – ئىسلام بىرلىكىنىڭ گېرمانىيەدىكى ۋاكالەتخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى بىلەن تۈرلۈك ھەدىيەلەرنى ئېھتىياجلىق ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، مەسئۇللار تۈرلۈك رايونلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى رامىزان ئېيىدىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر