كوۋىد-19 يۇقۇمى مىلياردېرلارنىڭ بايلىقىغا بايلىق قوشتى

كوۋىد-19 يۇقۇمى مەزگىلىدە مىلياردېرلارنىڭ بايلىقى 4 تىرىليون دوللار ئاشتى.

1614239
كوۋىد-19 يۇقۇمى مىلياردېرلارنىڭ بايلىقىغا بايلىق قوشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Business Insider» تور بېتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، سىياسەت تەتقىقات ئىنسىتىتۇتى(IPS)  نىڭ يۇقۇم تېز تارقالغان 2020-يىلى 18-مارتتىن 2021-يىلى 18 مارتقىچە بولغان سودا دوكلاتىدا،  2365 مىلياردېرنىڭ بايلىقىنىڭ %54 لىك ئېشىش بىلەن 4 تىرىليون دوللار ئۆرلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.  

دوكلاتتا يەنە ئەڭ باي 20 مىلياردېرنىڭ  بۇ مەزگىلدە %68 لىك ئېشىش بىلەن 742 مىليارد دوللار كىرىم قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مەركىزىي ئىشخانىسى ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق خەلقئارا ياردەم تەشكىلاتى «Oxfam» مۇ 2021-يىلىنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، مىلياردېرلارنىڭ كىرىمىگە تەخمىنەن 3 تىرىليون 900 مىليارد دوللار قوشۇلغانلىقىنى يازغان ئىدى.

دوكلاتتا، بۇ پۇل بىلەن دۇنيادا ھېچكىشىنىڭ ۋىرۇس سەۋەبىدىن نامراتلاشماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدىغانلىقى، ھەمدە دۇنيادىكى ھەر بىر كىشىگە يەتكۈدەك ۋاكسىنا سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر