ئوپېك نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپەيتىشنى قارار قىلدى

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر-ئوپېك ۋە ئوپېك سىرتىدىكى بەزى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەردىن تەركىپ تاپقان23دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى ماي، ئىيۇن، ئىيۇل ئايلىرىدا كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى قەدەممۇ قەدەم كۆپەيتىشنى قارار قىلدى.

1613519
ئوپېك نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپەيتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر-ئوپېك ۋە ئوپېك سىرتىدىكى بەزى نېفىت ئىشلەپچىارغۇچى دۆلەتلەردىن تەركىپ تاپقان 23 دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە نېفىت مىنىستىرلىرى، ماي، ئىيۇن ۋە ئىيۇل ئايلىرىدا كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى قەدەممۇ قەدەم كۆپەيتىشنى قارار قىلدى.

ئوپېك ۋە ئوپېك سىرتىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر  نېفىت ئىشلەپچىقرىش مىقدارىنى ماي ۋە ئىيۇن ئايلىرىدا كۈنلۈكى 350 مىڭ ۋارىل، ئىيۇل ئېيىدا بولسا 441 مىڭ ۋارىل كۆپەيتىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان فېۋرال (2021) ئېيىدا ئېلان قىلغان كۈنلۈكى 1 مىليون ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆزلىكىدىن ئازايتىش قارارىنى قەدەممۇ قەدەم ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز بىن سەلمان يىغىندا، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى مايدا 250 مىڭ ۋارىل، ئىيۇندا 350 مىڭ ۋارىل ۋە ئىيۇلدا 400 مىڭ ۋارىل كۆپەيتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئوپېك ۋە ئوپېك سىرتىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ كېيىنكى قېتىملىق يىغىنى 28-ئاپرېل (2021) دا ئېچىلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر