كارۋاتلىق پويىز ساياھەت لايىھەسى ئىمزالاندى

تۈركىيەنىڭ تۇنجى «كاراۋاتلىق ھەشەمەتلىك پويىز ساياھىتى» لايىھەسىنىڭ ئىمزالىرى قويۇلدى.

1613706
كارۋاتلىق پويىز ساياھەت لايىھەسى ئىمزالاندى

ۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ تۇنجى «كارۋاتلىق ھەشەمەتلىك پويىز ساياھىتى» لايىھەسى، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى سېلىنما ئىشخانىسىنىڭ ۋاستىچىلىق قىلىشى ئاستىدا،  يەر شارى مەركىزىي ئىشخانىسى ياپونىيەگە جايلاشقان ھىس (HIS) تۈركىيە بىلەن سان گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم نەتىجىسىدە، كاپادوكيا تېز پويىزى بىلەن باشلىنىدۇ.

ھىس گلوبالنىڭ مەركىزىي ئىشخانىسى ياپونىيەدە بولۇپ، 70 تىن ئارتۇق دۆلەتتە 500 دىن ئارتۇق ئىشخانىسى بار. دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 10 ساياھەت پويىزى شىركىتىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

لايىھە رامكىسىدا، پويىز سەپىرى دەسلەپتە ئىستانبۇل-كاپادوكيا ئارىسىدا باشلىنىدۇ. ئارقىدىن دۆلەتنى قاپلىغان ساياھەت تۆمۈر يولى لىنيەسى بولۇشى پىلان قىلىندى. لايىھەنىڭ نىشانى يىللىقى 200 مىڭ ساياھەتچىنى توشۇش.

كاپادوكيا تېز پويىزى بىلەن باشلىنىدىغان لايىھەدە، كارۋاتلىق ۋاگونلار ئىشلىتىلىدۇ. كارۋاتلىق ۋاگونلار بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي ئۆلچىمىدە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر