«2-شىمالىي ئېقىم» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى لايىھەسىنىڭ %95 ى ئاخىرلاشتى
«2-شىمالىي ئېقىم» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ گېرمانىيە بىلەن دانىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە پۈتۈشكە 121 كىلومېتىر قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «2-شىمالىي ئېقىم» لايىھەسىگە مەسئۇل «2-نورد سچىم ئا گ» (Nord Stream 2 AG) شىركىتى بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، لايىھە رامكىسىدا تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ گېرمانىيە بىلەن دانىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە پۈتۈشكە 121 كىلومېتىر قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«جەمئىي تەننەرخى 10 مىليارد ياۋرو ئەتراپىدا بولۇشى كۈتۈلۈۋاتقان ‹2-شىمالىي ئېقىم› لايىھەسى بىلەن، يىلىغا 55 مىليارد كۇب مېتىر رۇسىيە گازىنىڭ بالتىق دېڭىزى ئارقىلىق گېرمانىيەگە يەتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنىدۇ.»
ئامېرىكا، ئۇكرائىنا، پولشا ۋە بالتىق دۆلەتلىرى قۇرۇلۇشىغا قارشى چىققان لايىھەنىڭ شېرىكلىرى ئارىسىدا لايىھەنىڭ خوجايىنى گازپرومدىن باشقا، شېل (Shell)، ئو م ۋ (OMV)، ئېنجى (Engie)، يۇنايپېر (Uniper) ۋە ۋىنتېرشەل (Wintershall) قاتارلىق شىركەتلەر بار.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.