تۈركىيە شىركىتى پاكىستان بىلەن پاراخوت سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

پاكىستان بىلەن تۈركىيە شىركىتى ئوتتۇرىسىدا 33 مىليون 460 مىڭ دوللارلىق پاراخوت كېلىشىمى ئىمزالاندى.

1611085
تۈركىيە شىركىتى پاكىستان بىلەن پاراخوت سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ دېڭىز ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پايتەخت ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا پاكىستاننىڭ دېڭىز ئىشلىرى مىنىستىرى سەيىد ئەلى ھەيدەر زەيدى، تۈركىيەنىڭ ئىسلامئابادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىھسان مۇستاپا ۋە سانمار دېڭىز ئىشلىرى شىركىتى مەسئۇللىرىنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا بۇ كېلىشىمنىڭ ئىككى قېرىنداش دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تاشلانغان مۇھىم قەدەم بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

 

سەيىد ئەلى ھەيدەر زەيدى ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، سانمار دېڭىزچىلىق شىركىتىنى پاكىستاندا پاراخوت زاۋۇتى قۇرۇشقا ۋە تېخنىكا يۆتكەشكە تەكلىپ قىلدى.

كېلىشىمگە ئاساسەن، سانمار پاراخوت شىركىتى پاكىستانغا 12 ئاي ئىچىدە 33 مىليون 460 مىڭ دوللارلىق 4 دانە ASD سۆرەش پاراخوتى ۋە 2 يولباشلىغۇچى پاراخوت ياساپ بېرىدىغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر