پەكجان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي ئىشلار كومىسسارى بىلەن كۆرۈشتى
سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي ئىشلار كومىسسارى پاۋلو گېنتىلونى بىلەن كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەكجان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي ئىشلار كومىسسارى پاۋلو گېنتىلونى بىلەن ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، ئىككى تەرەپ سودا – ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرى، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ئىجابىي كۈنتەرتىپ، تاموژنا ئىىتىپاقى بەلگىلىمىلىرىنىڭ يېڭىلىنىشى، يېشىللاشتۇرۇش كېلىشىم لايىھەسى ۋە تاموژنا ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك گېنتىلونى ئەپەندىم بىلەن تاموژنا ئىشلىرىنىڭ دىگىتاللاشتۇرۇلۇشى، قانۇنىي مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشتا يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەدە ئىزچىل ھەمكارلىشىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ۋە تېخىمۇ قويۇق دىيالوگ ئورنىتىش مەسىلىلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق، بۇ ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىش ئۈچۈن، گېنتىلونى ئەپەندىمگە رەھمەت ئېيتىمەن.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.