تۈركىيە ئۇكرائىناغا ئەڭ كۆپ مېۋە ئېكسپورت قىلغان

تۈركىيە 2020-يىلى ئۇكرائىنادىكى مېۋە ئىمپورتىنىڭ %28.8 نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى.

1602910
تۈركىيە ئۇكرائىناغا ئەڭ كۆپ مېۋە ئېكسپورت قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادى ئىنىستىتۇتىنىڭ سانلىق رەقەملىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئۆتكەن يىلى ئۇكرائىناغا 269 مىڭ توننا مېۋە ئېكسپورت قىلغان.

ئۇكرائىناغا مېۋە ساتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىدە تۈركىيەدىن كېيىن، %12.9 بىلەن ئېكۋادور ئىككىنچى ئورۇندا، %6.2 بىلەن گىرېتسىيە ئۈچىنچى ئورۇندا ۋە %5.8 بىلەن كوستارىكا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر