ياپونىيە ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا جىددىي ياردەم بېرىدۇ

ياپونىيە ئاراكانلىق مۇسۇلمان (روھىڭيا) مۇساپىرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك  ۋە ساغلاملىق ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن 19 مىليون دوللارلىق جىددىي ياردەم بېرىدۇ.

1597587
ياپونىيە ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا جىددىي ياردەم بېرىدۇ

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە،  بىرمانىڭ ئاراكان ئۆلكىسىدىكى بېسىم ۋە زۇلۇم – سىتەمدىن قاچقان ئاراكانلىق مۇسۇلمان مۇساپىرلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلىدىكەن، بۇ دائىرىدە، ياپونىيە خەلقئارا قىزىل كىرېست كومىتېتى، دۇنيا يېمەك - ئىچمەك پىروگراممىسى (WFP) ۋە خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى (IOM) نىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا 19 مىليون دوللارلىق جىددىي ياردەم بېرىدىكەن.  ياردەم دائىرىسىدە، بىرما ۋە باڭلادېشتىكى 58 دوختۇرخانا ۋە سەھىيە ئاپپاراتلىرى داۋالاش ۋە ساغلاملىق ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىنىدىكەن، يېمەك - ئىچمەك ياردىمى ھەر ئىككى دۆلەتتىكى 600 مىڭ كىشىگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، 2017-يىلى، ئاۋغۇستتىن كېيىن، ئاراكاندىكى بېسىم ۋە زۇلۇم - سىتەمدىن قېچىپ باڭلادېشتا پاناھلانغانلارنىڭ سانى 900 مىڭغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر