ئامازون ئورمانلىرى فېسبۇكتا سېتىشقا قويۇلدى

بىرازىلىيەدە ئامازون يامغۇرلۇق ئورمانلىرىدا يەرلىكلەر ئولتۇراقلاشقان  ۋە قوغدىلىدىغان رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا سېتىشقا قويۇلغانلىقى بايقالدى.

1592186
ئامازون ئورمانلىرى فېسبۇكتا سېتىشقا قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئورمان رايونىنى ئىشغال قىلىپ، دەرەخ كۆيدۈرگەن كىشىلەر، ئالقىنىدىكى يەرلەرنى تېرىلغۇ يەر سۈپىتىدە  سېتىشقا قويماقتا.

فېسبۇكنىڭ ئېلىم – سېتىم مۇلازىمىتى سۇنىدىغان «Marketplace» پروگراممىسىدا ئابونتلار ئۇچراتقان زېمىنلاردىن بەزىلىرىنىڭ كۆلىمى ھەتتا 1000 پۇتبول مەيدانىغا تەڭ كېلىدۇ.

گەرچە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ماگناتى فېيسبۇك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتسىمۇ، يەر مۈلۈك سېتىشلىرىنى ئۆز قارارى بىلەنلا توسۇپ قويۇشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ.

بىراق فېسبۇك ئۆز دائىرىسىدىكى سېتىش ساھەسىدە سېتىۋالغۇچىلار بىلەن ساتقۇچىلارنىڭ «قانۇن-نىزاملار بويىچە ئىش قىلىشى» كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

رايوندىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى فېسبۇكنى بۇنىڭغا قارىتا قەدەم تاشلاشقا چاقىرىق قىلىپ، قانۇنلارغا ئۇيغۇن بولمىغان سېتىشلارنى چەكلەشنى تەلەپ قىلماقتا.  

مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتلىرىمۇ بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سېتىشنى توختىتىش مەسىلىسىگە قىزىقماسلىق پوزىتسىيەسى تۇتىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر