تۈركىيەنىڭ گۈل ئېكسپورت سودىسى %19 يۇقىرى ئۆرلىدى
تۈركىيەنىڭ 2021-يىلى 1-يانۋاردىن 21-فېۋرالغىچە بولغان گۈل ئېكسپورت سودىسى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %19 ئاشتى.
1590583
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆتكەن يىلى 1-يانۋاردىن 21-فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا 19 مىليون 953 مىڭ دوللارلىق گۈل ئېكسپورت قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىل ئوخشاش مەزگىلدە 23 مىليون 752 مىڭ دوللارلىق گۈل ئېكسپورت قىلىندى.
تۈركىيەدە 500 مىڭدىن ئارتۇق يەرلىك ئۆسۈملۈك تۈرى بولۇپ، كېسىلگەن گۈللەر، ئۆي ئىچى ۋە سىرتىغا قويۇلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر، گۈل پىيازلىرى، مايسىلار، كۆچەتلەر، يۈسۈن ۋە گۈل چەمبىرەك تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار كۆپرەك ئېكسپورت قىلىنماقتا.
تۈركىيەدە پارنىك ۋە يايلاقتا گۈل يېتىشتۈرۈش بىلەن ئېكسپورت پەسلى 12 ئايغا چىقىرىلدى.
ئاساسلىقى ياۋروپا دۆلەتلىرى بولۇپ، جەمئىي 83 دۆلەتكە گۈل ئېكسپورت قىلىنماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.