تۈرك كېڭىشى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا مۇھىم قارارلار چىقىرىلدى

تۈرك تىللىق دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى)نىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

1590304
تۈرك كېڭىشى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا مۇھىم قارارلار چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك كېڭىشى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ئىنتېرنېت مۇھىتىدا چاقىرىلغان 1 -  نۆۋەتلىك يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈركىيەنىڭ يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ماددىلارنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن تارماق خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ قوللاشقا ئېرىشكەنلىكى تەكىتلەندى.

مالىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئەھمىيىتىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىدە مول تەجرىبىلەرگە ئىگە تۈركىيەنىڭ، تەجرىبىلىرىنى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاقلىشىشى ئۈچۈن  تەربىيەلەش پىروگراممىسى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا، تەرەپلەرنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سانائىتىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قازاقىستاننىڭ نېفىت خىمىيە مەھسۇلاتلىرىنى تەقسىملەش مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدا ئەتراپلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قازاقىستاننىڭ 2022 - يىلى ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنغا پىرىنسىپ جەھەتتىن ساھىبخانلىق قىلىشقا قوشۇلغانلىقى بايان قىلىنغان باياناتتا، تەرەپلەرنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى تەكىتلەندى.

يىغىنغا تۈرك كېڭىشى باش كاتىپى باغدات ئامرېيېۋ، (تۈركىيە) ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە مىنىستىرى پەرۋىز شاھبازوۋ، قازاقىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى نۇرلان نوگايېۋ، قىرغىزىستان ئېنېرگىيە ۋە سانائەت مىنىستىرى ۋېرونىكا ئىسايېۋا، ئۆزبېكىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى مۇئاۋىنى ئەزىز ئەلىمۇھەممەدوۋ، ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە كىلىمات ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى دورا زومبورى قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر