تۈركىيە شىركەتلىرى لىۋىيدە قۇرغان سېمونت زاۋۇتى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى

تۈركىيە شىركەتلىرى تەرىپىدىن لىۋىيەدە قۇرۇلغان ۋە شىمالىي ئافرىقانىڭ ئەڭ چوڭ سېمونت زاۋۇتلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان يېڭى زاۋۇت خىزمەتكە ئېچىلدى.

1588168
تۈركىيە شىركەتلىرى لىۋىيدە قۇرغان سېمونت زاۋۇتى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە شىركەتلىرى تەرىپىدىن لىۋىيەدە قۇرۇلغان ۋە شىمالىي ئافرىقانىڭ ئەڭ چوڭ سېمونت زاۋۇتلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان يېڭى زاۋۇت خىزمەتكە ئېچىلدى.

لىۋىيەنىڭ مىسراتە شەھىرىدە قۇرۇلغان زاۋۇتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، كارانفىل گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ باشلىقى مۇرتازا كارانفىل ۋە كارانفىل گۇرۇھىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلى فاتىھ سارى قاتناشتى.

ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم سېمونت ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان مەزكۇر زاۋۇتتا، 250 كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ. 10 مىڭ كۋادراتمېتىرلىق ئۈستى يېپىق جايى، 30 مىڭ كۋادراتمېتىرلىق ئىسكىلاتى بولۇپ، جەمئىي 100 مىڭ كىۋادراتمېتىرلىق جايدا قۇرۇلغان زاۋۇتقا، بۈگۈنگىچە 10 مىليون دوللار سەرپ قىلىندى.

ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىلدە مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان قىلىنغان زاۋۇتتا، سائىتىگە 90 كۇب مېتىر سېمونت ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر