غازىئانتەپ دۇنيانىڭ ماشىنا گىلەم ئېھتىياجىنىڭ يېرىمىنى قامدىماقتا

غازىئانتەپنىڭ دۇنيا ئېھتىياجلىق ماشىنا گىلەملىرىنىڭ يېرىمىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شەھەرگە ئايلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1588495
غازىئانتەپ دۇنيانىڭ ماشىنا گىلەم ئېھتىياجىنىڭ يېرىمىنى قامدىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى (TIM) گىلەم سانائىتى ھەيئىتىنىڭ رەئىسى سالاھاتتىن قاپلان ئېلان قىلغان باياناتىدا، گىلەم ساھەسىدە تۈركىيەنىڭ كۈنسىرى تېخىمۇ يۇقىرى  نوپۇزلۇق ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى ۋە بۇ نۇقتىدىن غازىئانتەپنىڭ باشقىچە قىممىتى بارلىقىنى ئېيتتى.

تارىخ بويىچە نۇرغۇن مەدەنىيەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلغان تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت ۋە سودا مەركەزلىرىدىن بىرسى غازىئانتەپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن سالاھاتتىن قاپلان: «تۈركىيە ماشىنا گىلەم ساھەسىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقارغۇچىدۇر ۋە بۇنىڭدا  غازىئانتەپنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان ھەسسەسى بار. دۇنيا ماشىنا گىلەم سودىسىنىڭ %70 نى دۆلىتىمىز ۋە بۇنىڭ %53 ى غازىئانتەپ تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا» دېدى.

سالاھاتتىن قاپلان بۇ ساھەنىڭ كەلگۈسىدىن زور ئۈمىت بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئېكسپورتتا كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيە گىلەمچىلىرى بۇ يىلمۇ ئىنتايىن ئۈمىدۋار. بۇلتۇر كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارىماي، خىزمەتلىرىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرغان ۋە 2.6 مىليارد دوللاردىن كۆپرەك ئېكسپورت نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغان گېلەم ساھەيىمىز، 2021-يىلى بۇ نىشاننى 3 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى مەقسات قىلماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر