تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئۇچۇش سانىدا ئالدىنقى رەتتە

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 11-فېۋرالدىن 17-فېۋرالغىچە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 590 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئالدىنقى رەتتىكى ئورنىنى ساقلاپ قالدى.

1586576
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئۇچۇش سانىدا ئالدىنقى رەتتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئاۋىياسىيە يول باشلاش بىخەتەرلىك تەشكىلاتى (EUROCONTROL) نىڭ 11-فېۋرالدىن 17-فېۋرالغىچە بولغان ئايروپىلان سەپەرلىرىگە ئالاقىدار دوكلاتىغا قارىغاندا، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 590 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپادىكى رەقىبلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.

تىزىملىكتە بىرىنچى رەتكە تىزىلغان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىدىن قالسا،  كۈنىگە 373 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن فىرانسىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىككىنچى رەتكە تىزىلغان.

پېگاسۇس ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولسا، كۈنىگە 255 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن 4-رەتكە تىزىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر